ئىراقتىكى سايلام تىنچ ئۆتتى

شەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆلكىنىڭ كېڭەش ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 2005 - يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ھېچقانداق قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمىگەن تىنچ سايلام پائالىيىتى بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مەزكۇر سايلامنى مەدھىيىلەپ، بۇ سايلام ئىراق خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز قوللىرىدا تۇتۇشقا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ تەرىپلىگەن. بىراق، خەۋەر قىلىنىشىچە، سايلام مەزگىلىدە بىخەتەرلىكنى قوغداش كۈچەيتىلگەن.

ئىراق ئالىي رەھبەرلىرىمۇ بۇ سايلامدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقان. سايلامدا 14 ئۆلكىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، 14 مىڭ نامزات ئىچىدىن 440 ئادەم سايلىنىشى كېرەك ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە بۇ قېتىمقى سايلام تىنچ ئۆتكۈزۈلگەن، ھېچ قانداق قارشىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق ۋەقەلىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىر قىسىم سايلىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغانلىقىغا نارازى بولغان.

سايلام نەتىجىسى پەقەت بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يېڭىلىق شۇكى، بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى سۈننىيلەر سايلامغا قاتنىشىش ۋە بېلەت تاشلاشتىن يالتايغان بولسا، بۇ قېتىم سۇنئىيلەرمۇ سايلامغا ئىشتىراك قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كوپ ساندا ئايال سايلام نامزاتلىرىمۇ بولغان.