رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىغا 1-ئىيۇن كۈنى سىچۈەنلىك شۈڭ خەنجياڭ ئىسىملىك بىر ئىشلەمچىنىڭ ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، زاۋۇت خوجايىنى ياللىۋالغان ئادەملەر تەرىپىدىن پۇت قولىنىڭ پەيلىرى كېسىپ تاشلىنىپ، مەڭگۈلۈك مەجرۇھ قىلىنغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىن يارىلانغۇچىنىڭ 3000 يۈەن تۆلەم پۇلغا ئېرىشكەندىن باشقا، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى خوجايىن قېچىپ كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى سەۋەب بولغان.
خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن رازى بولغۇدەك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار 3-ئىيۇن كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلغان. 6-ئىيۇن كۈنى كەچتە نامايىشچىلار سانى 10 مىڭغا يەتكەن.
نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قورشىۋېلىپ، چوڭ يوللارنى توسۇۋالغان. نەچچە ئونلىغان شەخسى ئاپتوموبىللارنى كۆيدۈرۈۋېتىپ، ساقچىلارغا تاش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان.
نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ساقچىلار يارىلانغان، نەچچە ئونلىغان ئامما تۇتقۇن قىلىنغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، نامايىشنىڭ يۈز بېرىشىگە ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن يارىلاندۇرۇلغان سىچۈەنلىك ئىشلەمچى ۋەقەسى سەۋەب بولغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى. ئەمما خەۋەردە نامايىشچى ئاممىنىڭ 10 مىڭغا يەتكەنلىكى ئىنكار قىلىنىپ، 200 دەك ئاممىنىڭ كىچىك دائىرىدىكى نارازىلىق نامايىشى دەپ ئېلان قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، نامايىش جەريانىدا 3 ئاپتوموبىلنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، بىر ئاپتوموبىلنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى، 9 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 5-ئىيۇن كۈنى سىچۈەنلىك ئىشلەمچىنى يارىلاندۇرغان خوجايىن ھەم ئۇنىڭ شايكىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 7-ئىيۇن كۈنى سەھەردە ۋەقە تىنچىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.