سىچۇەندە مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىش ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن نامايىش قىلدى

تۈنۈگۈن سىچۇەننىڭ دۇجاڭيەن شەھىرىدە، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ، ئىش ھەققىنى ئالالمىغانلارنىڭ دەردىنى جەمئىيەتكە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، تېز سۈرئەتلىك قاتناش يولىدا لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ شەھەردە، ئىش ھەققىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلغان كىشىلەردىن بىر ئەرزدار ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىر ئەرزدار قاتتىق يارىلاندۇرۇلغان ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن 300 نەپەر مەدىكار بۇ شەھەردىكى تېز سۈرئەتلىك قاتناش يولىنى توسۇۋالغاندا، ساقچىلار كېلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغان. بۇ جايدا تاماشا كۆرۈۋاتقان 700 دەك ئادەممۇ، تېز سۈرئەتلىك يولنى توسۇۋالغان كىشىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.

نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار ساقچى ئاپتوموبىلىدىن بىرنى ئۆرۈۋەتكەن. ساقچىلار نامايىشچىلاردىن ئىككى ئادەمنى قولغا ئالغان. ساقچىلار نامايىشچىلار ئىچىدىن يەنە 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان.