خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى نەچچە مىڭ ئىشچى ئىش تاشلىدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى شىنفېي ئېلېكتر ئۈسكۈنىلەر زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئىش تاشلىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-10-11
Share

بۈگۈن 11-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنىمۇ يەنە نەچچە مىڭ ئىشچى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، زاۋۇت قورۇسىدا نامايىش قىلغان. زاۋۇتتا ئىشقا كەلمىگەن ئىشچىلار 10 مىڭغا يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شىنفېي ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققى 1000 يۈەنگە يەتمەيدىغان بولۇپ، ئىش ئالدىراش ۋاقىتلاردا ئارتۇق ئىشلىگەن ئىشلارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىمۇ ئايلىقىغا 1200 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 2160 يۈەننىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، نۆۋەتتە زاۋۇت تەرەپ بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى،ئىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قالايمىقانچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت