بۈگۈن 11-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنىمۇ يەنە نەچچە مىڭ ئىشچى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، زاۋۇت قورۇسىدا نامايىش قىلغان. زاۋۇتتا ئىشقا كەلمىگەن ئىشچىلار 10 مىڭغا يەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شىنفېي ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققى 1000 يۈەنگە يەتمەيدىغان بولۇپ، ئىش ئالدىراش ۋاقىتلاردا ئارتۇق ئىشلىگەن ئىشلارغا بېرىلىدىغان ئىش ھەققىمۇ ئايلىقىغا 1200 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 2160 يۈەننىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، نۆۋەتتە زاۋۇت تەرەپ بىلەن ئىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى،ئىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قالايمىقانچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.