26نويابىر كۈنى، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يەنە پۈتۈن مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنىنى ئۈرۈمچىدە ئاچقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىغا "ياردەم بېرىدۇ" دەپ قارىلىۋاتقان 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ "ياردەم بېرىش" خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. خىتاي مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۈپۇ سۆزىدە 3 يىلدىن 5 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي قاتلام ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداچلا ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسلىرىنى ئېچىش، 5 يىل ئىچىدە شەھەر، ناھىيە ھەم پولكلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى باشقۇرىدىغان پائالىيەت مەركەزلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.