ئايروپىلان پارتلىتىدىغان يېڭىچە ئىشتان بومبا بايقالدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى مۇشۇ ئاي ئىچىدە، ئەلقائىدىچىلەر ئايروپىلانلاردا قوللىنىدىغان يېڭىچە «ئىشتان بومبا»نىڭ سىرىنى ئاچتى.

ئېنىقلىنىشىچە، بۇ خىل ئىشتان بومبىنىڭ ئىقتىدارى 2009‏-يىلى بايقالغان ئىشتان بومبىدىن شىددەتلىك. بەلكى ئۇنى ئايرودروملارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىمۇ سېزەلمەيدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بىر ئاخبارات خادىمى ئەلقائىدىچىلەرنىڭ يەمەن شۆبىسىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىپ، ئۇلار لايىھىلىگەن يېڭىچە ئىشتان بومبا بىلەن قوراللىنىپ، ئامېرىكىغا كېلىدىغان ئايروپىلانغا چىققان. ئايرودروملارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ماشىنىلىرى ھېچقايسى ئۇنى بايقىمىغاندىن كېيىن، ئۇ، يەمەندە لايىھىلەنگەن بۇ ئىشتان بومبىنى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.