تەكشۈرۈش ئۆمىكى 15 - ئاۋغۇست خىتايغا قاراپ يولغا چىقتى.
قۇرۇلتاي تارقاتقان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە دۇنيا ئىسلام كېڭىشى ئاز سانلىقلار بۆلۈمى مەسلىھەتچىسى سەيىد قاسىم ئال ماسىرى باش بولۇپ ماڭغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلتاي باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئىھسانوغلۇنى " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان. ئۆمەكنىڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى كېڭەشنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئىھسانوغلۇنىڭ خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن دىپلوماتىك تەييارلىق قىلىش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمەك ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.
باش شتابى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيا ئىسلام قۇرۇلتىيى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقنى قوغداشنى باش مىزان قىلغان.
كېڭەش باش كاتىپى ئىھسانوغلۇ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە 25 - ئىيۇل دەمەشىق شەھىرىدە ئېچىلغان مىنىستىرلار يىغىندا،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن خىتاي تەرەپ بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.