پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ ب د ت پەن-مائارىپ ئورگىنىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى لولا كەرىموۋانىڭ دەۋا قىلىشىچە، مەزكۇر تور بەت ئېلان قىلغان ماقالىدە «دىكتاتورنىڭ قىزلىرى» دېگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلگەن.
كەرىموفنىڭ قىزى بۇ ماقالىدە ئېيتىلغان كەرىموفنىڭ قىزلىرى-ئاچا-سىڭىللارنىڭ بىر ئاتاقلىق ئارتىستقا پۇل بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ فېستىۋالغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭمۇ تۆھمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئەرزى ئاساسلىقى ئىسلام كەرىموفنى «دىكتاتور» دەپ ئاتاشقا قارىتىلغان.
2010-يىلى، 20-مايدا «89رۇە» تورىدا فرانسىيىلىك ئاپتور ئاۋگۇستىن سكالبېرنىڭ كەرىموف ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
كەرىموفنىڭ قىزى لولا كەرىموۋا ماقالىدىكى «دىكتاتورنىڭ قىزلىرى» دېگەن ئىبارىنى ئاساس قىلىپ، سوتقا ئەرز سۇنۇپ، 30 مىڭ ياۋرو تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، كەرىموفنىڭ دىكتاتورىلىق تەرىپىنى كۆرسەتكەن.
مەزكۇر تور بەتمۇ كەرىموفنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ دىكتاتورىلىق ئىكەنلىكىنىڭ ئاللىقاچان دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ بولۇنغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق سوت يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىكەن.
ئىسلام كەرىموف چوڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋانى بىر مەزگىل ئۆزبېكىستاننىڭ موسكۋادىكى ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن، كىچىك قىزى لولا كەرىموۋا بولسا يىللاردىن بۇيان ئۆزبېكىستاننىڭ ب د ت پەن –مائارىپ ئورگىنىدىكى ۋەكىلى بولۇپ كەلمەكتە.
بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ستالىننىڭ نەۋرىسىمۇ موسكۋادىكى بىر گېزىت ئۈستىدىن بوۋىسى ستالىننى «دىكتاتورىلىق» بىلەن قارىلىغانلىق ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنۇپ ئاخىرى مەغلۇپ بولغان ئىدى.