ئىسلام كەرىموف شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.12.18
2011.12.18
رۇسىيىنىڭ «رېگنۇم» ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، 30 - نويابىر كۈنى بۇ ئەھدىنامىنى قوبۇل قىلىشقا ئائىت قانۇن ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. 6 - دېكابىر كۈنى يۇقىرى پالاتا ئۇنى رەسمىي تەستىقلىغاندىن كېيىن 16 - دېكابىر كۈنى پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف بۇنى ئىمزالىغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر تېررورىزمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا مەملىكەتلەر بىردەك ھالدا تۇتقۇنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ۋە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بىرلىكتە قاتنىشىش ھەم باشقا بىر قاتار مەزمۇنلارغا ئىگە.
بۇ ئەھدىنامە باشقا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ بولۇنغان ئىدى. مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىگە بەكرەك ئۇيغۇن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.