پرېزىدېنت ئوباما ئىسلامابادنى پاكىستاندىكى بىن لادېننى قوللايدىغان گۇرۇھلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى

پرېزىدېنت ئوباما يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا چبس تېلېۋىزىيە قانىلىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئىسلامئابادنى پاكىستاندىكى ئوساما بىن لادېنغا ياردەم قىلغان ۋە ئۇنى قوللىغان گۇرۇھنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

ئوباما، پاكىستاندا بىن لادېننى قوللايدىغان بىر تور بارلىقىنى، لېكىن پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تور بىلەن چېتىشلىقى بار-يوقلۇقىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى يېقىندا پاكىستان زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ، كىرىپ، ئىسلامابادتىن 60 كىلومېتىر شىمالىدىكى ئابودئاباد بازىرىدا بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

بىن لادېننىڭ پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئابودئابادتىكى بىر ھەربىي ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر قانچە كىلومېتىر نېرىسىدىكى تۇرالغۇدا يېقىنقى 6 يىلدىن بېرى يوشۇرۇنۇپ يېتىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى بەزى كىشىلەردە، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىن لادېننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارمىدى، دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان.

پرېزىدېنت ئوباما «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، پاكىستاندا بىن لادېننى قوللايدىغان بىر تور بار.

لېكىن بىز بۇ توردا كىملەرنىڭ بارلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق تور ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىن لادېننىڭ ئىسلامئاباد ئەتراپىدىن تېپىلىشى پاكىستان دائىرىلىرىنى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى دۈشەنبە كۈنى پاكىستان پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، بىن لادېننىڭ قانداق قىلىپ پاكىستان ھەربىي گازارمىسىنىڭ ئەتراپىدا ھازىرغا قەدەر بايقالماي ياشاپ كەلگەنلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن ۋە ھەر يىلى ئامېرىكىنىڭ زور مىقداردىكى ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى.

ئوباما ھۆكۈمىتى 2010-يىلى دۆلەت مەجلىسىدىن پاكىستانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 2 مىليارد دوللار تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.