خىتايدىكى قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئىسمايىل تىلىۋالدى خارۋاتىيەنى زىيارەت قىلدى

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بولغان ئىسمايىل تىلىۋالدى، خىتاي تەرىپىدىن خارۋاتىيىگە زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن. بۈگۈن ئىسمايىل تىلىۋالدى خارۋاتىيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-11-02
Share

سۆھبەت داۋامىدا خارۋاتىيە پرېزىدېنتى خىتاينىڭ يېقىنقى 30 يىللىق تەرەققىياتىغا مەدھىيە ئوقۇغان ۋە شاڭخەي كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن. ئىسمايىل تىلىۋالدى بولسا، خارۋاتىيەنىڭ خىتاينىڭ بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئارقا - ئارقىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ زىيارىتى داۋامىدا ھېچقانداق كونكرېت مەسىلە ياكى بىر ئەھمىيەتلىك تېما ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي، بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى دۆلەت دەرىجىلىك چەتئەل زىيارىتىگە ئەۋەتىش ئارقىلىق، دۇنياغا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىشكە، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى پەدەزلەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسمايىل تىلىۋالدى زىيارەت قىلغان دۆلەتنىڭ، سابىق ئىمپېرىئالىست ۋە كوممۇنىست دۆلەت يۈگۈسلاۋىيىدىن بۆلۈنۈپ چىققان خارۋاتىيە بولۇشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يەنە بىر دىققەت نۇقتىسىدۇر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت