سۆھبەت داۋامىدا خارۋاتىيە پرېزىدېنتى خىتاينىڭ يېقىنقى 30 يىللىق تەرەققىياتىغا مەدھىيە ئوقۇغان ۋە شاڭخەي كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن. ئىسمايىل تىلىۋالدى بولسا، خارۋاتىيەنىڭ خىتاينىڭ بىر جۇڭگو پرىنسىپىنى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئارقا - ئارقىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ بۇ زىيارىتى داۋامىدا ھېچقانداق كونكرېت مەسىلە ياكى بىر ئەھمىيەتلىك تېما ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي، بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى دۆلەت دەرىجىلىك چەتئەل زىيارىتىگە ئەۋەتىش ئارقىلىق، دۇنياغا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىشكە، جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى پەدەزلەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسمايىل تىلىۋالدى زىيارەت قىلغان دۆلەتنىڭ، سابىق ئىمپېرىئالىست ۋە كوممۇنىست دۆلەت يۈگۈسلاۋىيىدىن بۆلۈنۈپ چىققان خارۋاتىيە بولۇشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يەنە بىر دىققەت نۇقتىسىدۇر.