ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىغا ياردەم بەرگۈچى پاراخوت ئەترىتىگە ئوق چىقاردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ياردەم ئەسلىھەلىرى بېسىپ غەززە رايونىغا قاراپ يولغا چىققان كېمە توپىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن "قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقى"نى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما نۆۋەتتە چىكاگودا دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىدىكى بارلىق پاكىتلارنى تەتقىق قىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى قىسىملىرى غەززە رايونىغا ياردەم بەرگۈچى پاراخوت ئەترىتىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن پاراخوت ئەترىتىگە ئوق چىقارغان. ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز دېگەندە 20 گە يېقىن ئادەم ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياردەم ئەسلىھەلىرى بېسىلغان پاراخوت گۇرۇپپىسىنى تۈركىيىدىكى بىر ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەشكىللىگەن. بۈگۈن تۈركىيە دائىرىلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ ۋەقە ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە، تۈركىيىدە ئىسرائىلىيىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.