ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەشكىللىشى ۋە باشقا ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن 20-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇل شەھەرلىك چاپا ئاناتولىيە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زالىدا نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزدى.

300 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان مەزكۇر نورۇز پائالىيىتىدە ھەر قايسى جەمئىيەتلەر رەھبەرلىرى، زىيالىيلار، جامائەت ئەربابلىرى سۆز قىلىپ، نورۇزنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە ئىستانبۇلدا مۇنداق كەڭ كۆلەملىك نورۇز پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ باقمىغان بولۇپ، نورۇز ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۆتكەن. ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، نورۇز پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنى بېيىتقان.