ئىتالىيە خىتايدىن ماركىلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.11.22
2012.11.22
ئىتالىيە دائىرىلىرى، ئىتالىيىدىكى بىر قىسىم داڭلىق ماركىلارنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى ۋە ماركىلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلەپ تارقىتىشى سەۋەبىدىن زور چىقىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىتالىيە دائىرىلىرى بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتايدا پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇنلار چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇنلارنىڭ پايدىسى بولمىغان ۋە ئىتالىيە ماركىلىرىنىڭ زىيان تارتىشى داۋام قىلغان.
ئىتالىيە بۇ نۆۋەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى بۇنداق كۆچۈرمىكەش زاۋۇتلارغا قارشى ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن.