جا چىڭلىن خوتەندە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ

'خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جا چىڭلىن تۈنۈگۈن خوتەندە دىنى تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەر دىندارلارنىڭ قولىدا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك' دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى جاچىڭلىن خوتەندە ھەرىكەت قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، خوتەن مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئوخشايدىغان بۇددىزم مەدەنىيىتى ئىدى دەپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ مېييىڭمۇ بۇ رايونغا ئىختىساس ئىگىلىرىنى كۆپلەپ ئەكىلىش ۋە ئۇلارنى قانداق يول بىلەن تۇرغۇزۇپ قېلىش ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.