ياپونىيە ساقچىلىرى چېرتيوژ ئوغرىلىغان خىتاي جاسۇسىنى قولغا ئالدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە ساقچىلىرى 3‏-ئاينىڭ 27‏-كۈنى، ياپونىيە شىركەتلىرىدە ئىشلەش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ «مازاك» ماركىلىق داڭلىق قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ چېرتيوژىنى ئوغرىلىغان خىتاي جاسۇس گۇماندارىنى قولغا ئالدى.

ياپونىيە ساقچىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ خىتاي جاسۇس گۇماندارىنىڭ ئىسمى تاڭ بۆ، ياپونىيىنىڭ مازاك شىركىتى ئۇنى 2006‏-يىلى خىزمەتكە ئالغان. ئۇ 3‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنى توساتتىن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. شىركەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ 2 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق چېرتيوژنى شىركەت تورىدىن چۈشۈرۈپ دىسكىغا قاچىلاپ بولغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

ياپونىيىنىڭ مازاك شىركىتى 1919‏-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قېلىپى 1931‏-يىلى لايىھىلەنگەن، مەھسۇلاتلىرى 1963‏-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىشقا، 74‏-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارادا سېتىلىشقا باشلىغان ئىدى.