ئاقسۇ جېجاڭلىق سودىگەرلەرنىڭ باي بولىدىغان مەيدانىغا ئايلانماقتا

تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمىي ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن بىر ھېسابلانغان ئاقسۇ ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى ئەڭ تېز كۆپەيگەن جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى، جۈملىدىن ئەسلىدە ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە ئىچكىرىدىكى خىتاي شەھەرلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق، خىتايلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن شەھەرگە ئايلانغانلىقى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن دائىم تىلغا ئېلىنماقتا.

ئۇيغۇر ئېلى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنىڭ «ياردەم بېرىشى»گە بۆلۈپ بېرىلگەندىن بۇيان خىتاي نوپۇسىنىڭ بۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىۋاتقانلىقى، جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىش دائىرىسى قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن ئاقسۇدا جېجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئارتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، جېجاڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن سودىگەرلەر يېقىندا ئاقسۇدا ئۆزلىرىنىڭ جېجاڭلىق سودىگەرلەر جەمئىيىتىنى قۇرغان بولۇپ، ئاقسۇدىكى جېجاڭلىق سودىگەرلەرنىڭ سانى 12 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە 25 مىڭ جېجاڭلىق سودىگەر بار بولسا، بۇنىڭ يېرىمى ئاقسۇغا جايلاشقان.

مەزكۇر جەمئىيەتتىن باشلىقى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ جېجاڭلىقلارنىڭ تارقاقلىقتىن بىرلىشىش، تەشكىللىنىش ۋە ئۆلچەملىشىشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە جېجاڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شتابى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر شىتابنىڭ پىلانى بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن ئاقسۇنىڭ يەر ئاستى بايلىقى، مەنزىرىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، جېجاڭنىڭ بىر قىسىم ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىنى قەدەم-قەدەم ئاقسۇغا يۆتكەش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

بۇ يىل 5-ئايدا ئاقسۇ بىلەن جېجاڭ شىركەتلىرى 69 بىرلەشمە لايىھىسى ئىمزالىغان.