خىتاي ھۆكۈمىتى 2001- يىلىدىكى “11- سېنتەبىر ۋەقەسى” دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە “ تېررورچىلىققا زەربە بېرىش” نى ھەدەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ۋەزىيەت كۆزەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنلا بۇ خىلدىكى ئاتالمىش كۈرەش نىشانى “ بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش” كە ئۆزگەرتىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قېتىملىق دەۋەر بۆلگۈچ باستۇرۇش يۈز بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىغان خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، يېقىندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا “مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئاسىي خەۋپ تۇغدۇرىدۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتا ‘ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇش؛ ھەر ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش’، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇننى تەكىتلەش، تەرتىپىنى تەكىتلەش” دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.
ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى كۆرسەتمىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ خىزمەت نىشانى ۋە يوليورۇقى قىلىپ بېكىتىلگەن. يىغىندا جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ خىزمەت نىشانى تۇرغۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادادىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىم بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇنداق دېدى: “ خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق باستۇرغانلىقى كۆپ تەكىتلەنگەن. خىتاي بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىدىن يەنە پايدا ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بولۇشى مۇمكىن.”
بۇ ئۇيغۇر زىيالىينىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش كۈرەش نىشانىنىڭ “ مىللىي بۆلگۈچىلىك” كە قارىتىلىشى، قانداقتۇر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: “ بۇ خەلقئارا ۋەزىيەت نەزەرگە ئېلىنغان ئاساستىكى ئاتالغۇ ئۆزگىرىشى، خالاس. ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن.”
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە زەر بېرىش” ئاتالغۇسىنى 2001- يىلى “ 11- سېنتەبىر ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن “ تېررورلۇققا زەربە بېرىش” كە ئۆزگەرتكەن ئىدى.