جەنۇبىي كورىيە دېڭىز چارلىغۇچىلىرى بىلەن خىتاي بېلىقچىلار يەنە توقۇنۇشتى

بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، سېرىق دېڭىزدا بېلىقچىلىق قىلىۋاتقان خىتاينىڭ 227 توننىلىق بىر بېلىقچى پاراخوتى، دېڭىزنىڭ كورىيە تەۋەلىكى بولغان ھېكسان ئارىلىدا پەيدا بولغان.

تەۋەلىكتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كورىيە دېڭىز چارلىغۇچىلىرى، خىتاي بېلىقچىلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن توختاشقا بۇيرۇغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي بېلىقچىلار قېچىشقا تەمشەلگەن. بۇنىڭ بىلەن كورىيىلىك چارلىغۇچىلار، خىتاي بېلىقچىلارنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلانغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بېلىقچىلار كالتەك ۋە پىچاق بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن كورىيىلىك چارلىغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

توقۇنۇشنىڭ نەتىجىسىدە، 4 نەپەر كورىيىلىك چارلىغۇچى يېنىك يارىلانغان. 9 نەپەر خىتاي بېلىقچى بويسۇندۇرۇلۇپ قولغا ئېلىنغان. ئوخشاش ۋەقە بۇلتۇرمۇ بىر قېتىم يۈز بېرىپ، بىر خىتاي بېلىقچى كورىيىلىك چارلىغۇچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن. چېڭ داۋېي ئىسىملىك خىتاي بېلىقچىنى تېخى ئۆتكەن ھەپتە كورىيە سوت مەھكىمىسى 30 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

بۇ قېتىمقى ۋەقە كورىيە قۇرۇقلۇقىدىن 72 كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەن؛ مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەۋەلىكتە قىسقۇچ پاقا ۋە خامسى بېلىقى مول بولغاچقا، خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ قانۇنسىز بېسىپ كىرىشىگە سەۋەب بولماقتا. كورىيە مەزكۇر تەۋەلىكتىن خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 475 پاراخوتىنى، ئۇنىڭ ئالدىدىكى يىلى 370 پاراخوتىنى قانۇنسىز بېلىقچىلىقى سەۋەبلىك توختىتىپ مۇسادىرە قىلغان.