ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز ئىختىلاپنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى

ۋىيېتنام دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا راست ئوق ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دېڭىزدىكى تەۋەلىك ئىختىلاپنى «تىنچ يول بىلەن» ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئۆتكەن ئايدا خانوي دائىرىلىرى خىتاي دېڭىز چارلىغۇچىلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت تەكشۈرۈۋاتقان بىر ۋىيېتنام كېمىسىنىڭ قىدىرىش كابېلىنى كېسىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ۋىيېتنام دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ئىيۇن بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسى يەنە ۋىيېتنامنىڭ نېفىت تەكشۈرگۈچى كېمىسىگە كېلىپ سوقۇلغان. ۋەقەنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

بۈگۈن خىتاي دۆلەت ئاخباراتلىرى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، مانېۋىر مەسىلىسىدە ۋىيېتنامغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

خىتاي «يەرشارى ۋاقىت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە ۋىيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىدىكى قاتتىق پوزىتسىيىسى، خىتاي جامائىتىنىڭ ياخشى كۆڭلىگە دەككە بەرگەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى قاتتىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ماقالىدە يەنە، تارىختىن بۇيان يۈز بەرگەن تېررىتورىيە توقۇنۇشلىرىدا ۋىيېتنامنىڭ ئۇتتۇرۇپ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا: بىز جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەردىن بىئارام بولدۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەردىكى جىددىيلىكنى ئۇلغايتىدۇ. بۇنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىغا ھېچقانداق پايدىسى يوق، دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپنى مەسىلىلەرنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئۆتكەن ھەپتە سىنگاپوردا ئېچىلغان مۇھاكىمە يىغىندا مەزكۇر دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭمۇ مەنپەئىتى بارلىقى ۋە ئوز ئىتتىپاقداشلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.