خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي 14-ئىيۇن كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدە قورال كۈچى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتى تۈنۈگۈن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، شۇنداقلا ۋيېتنام بۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي فىلىپپىن ھەم ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتىل قاتارلىق تاقىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ رايون ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ۋيېتنامدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋج ئېلىپ، 13-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ۋيېتنام جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

فىلىپپىن تەرەپ بولسا تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىگە «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ نام بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. فىلىپپىن باياناتچىسى يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر دېڭىز رايونىنى ئۆزلىرى خالىغان ناملاردا ئاتايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ۋيېتنامنىڭ مەزكۇر رايوننى شەرقىي دېڭىز دەپ ئاتىغىنىدەك، بۇ دېڭىز تەۋەلىكىنى غەربىي دېڭىز دەپ ئاتىشىمىز نورمال ئەھۋال» دېگەن ئىدى.