ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىز تەۋەسىگە قوغدىغۇچى پاراخوت ئەۋەتىشىگە خىتاي تەرەپنىڭ چوڭ تىپتىكى «دېڭىز چارلىغۇچىسى 31» ناملىق چارلىغۇچى پاراخوت ئەۋەتىپ، جەنۇبىي دېڭىز ئارقىلىق سىنگاپورغا ماڭدۇرۇش پىلانى سەۋەب بولغان.
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى دەپ ئاتالغان دېڭىز رايونىدىكى پاراسىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋەزىيەت ئالدى بىلەن ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن، پاراسىل تاقىم ئاراللىرىغا ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بار دەپ قاراتقان فىلىپپىنمۇ خىتايغا قارشى مەيدانغا چىققان ئىدى.
فىلىپپىن پرېزىدېنتى خىتاينى تەنقىد قىلىپ، خىتاينى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلماسلىققا چاقىرغان. ئۇ، فىلىپپىننىڭ جەنۇبى پاراسىل تاقىم ئاراللىرى رايونىدا نېفىت ئىزدەش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىلىپپىن بۇ يىل 2-ئايدا كۆپ قېتىم خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئۆز دۆلىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي رىقابەت قىلمايدىغانلىقى ھەم ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقى، بىراق، فىلىپپىننىڭ ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
يەكشەنبە كۈنى ۋيېتنام پايتەختى خانويدا ئۈچىنچى قېتىملىق خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زوراۋانلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى بولغان. نۆۋەتتە، ۋيېتنام، فىلىپپىن، خىتاي، مالايشىيا قاتارلىق ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ پاراسىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ بىر قىسمىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا تىرىشماقتا.