ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مانېۋىرغا ئامېرىكا تەرەپ راكېتالىق قوغلىغۇچى پاراخوتلارنى ۋە فىلىپپىن تەرەپ بولسا بىرئاز كونا ھەربىي پاراخوت چىقارغان بولۇپ، 11 كۈنگە سوزۇلىدىغان مەزكۇر بىرلەشمە مانېۋىر ئىككى دۆلەتنىڭ «ئورتاق قوغدىنىش شەرتنامىسى» غا ئاساسەن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۈگۈن ئەتىگەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېيمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى جەنۇبىي دېڭىزدا «قورال كۈچى ئىشلەتتى» دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى جەنۇبىي دېڭىز رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرى تالاش-تارتىشى باشلانغاندىن بۇيان، ۋيېتنام ھەم فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدە زومىگەرلىك قىلىپ، خەلقئارادا ئەركىن دېڭىز قاتنىشى رايونى دەپ قارالغان جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىنى ئىگىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.
