ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىلارى كلىنتون «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تەرەپلەر خەلقئارا قانۇنلارغا بويسۇنۇشى لازىم، پەقەتلا تارىخىي مىساللارغا تايانماستىن بەلكى كۈچلۈك قانۇنىي ئاساس ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنى ئىسپاتلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي تەرەپ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى قوغداشقا تىرىشقان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون يەنە ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارتي ناتالېگاۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئاخىرى ئۇ مارتي بىلەن بىرلىكتە خىتاي بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان ئاراللار مەسىلىسىگە ئائىت تۈزۈلگەن كېلىشىمنى جىددىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
كلىنتون بىلەن مارتي بۇ ھەقتە يەكشەنبە كۈنى خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى پۈتۈشۈپ بولۇنغان، مەسىلىنى ھەل قىلىش پرىنسىپلىرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، مەزكۇر تالاش-تارتىشلىق رايونلاردا توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان.