ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاينى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە «پارچىلاپ ئىگىلەش» يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقى، خىتاي بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان كامبودژادىكى يىغىنىدا خىتايغا بىرلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.

خىتاي، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. بىراق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند سەيشەنبە كۈنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا جەنۇيىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان ھەر بىر دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەل قىلىش چاقىرىسى تېپىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ: پارچىلاپ ئىگىلەش يولىدىكى ئۇرۇنۇش ۋە ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان تەرەپلەر ئارىسىدىكى رىقابەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت، بىز يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتتۇر، دېگەن.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى ئوبزور ئېلان قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بۇ يىل7-ئايدىكى پېنومپېن يىغىنىدا بىرلىككە كېلەلمەسلىكىنى ئامېرىكىغا ئارتقان. لېكىن ۋىكتورىيە نۇلاند شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ھەرىكەت نىزامى ھاسىل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. پېنومپېندىكى يىغىندا كامبودژا قارشى چىقىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر كامبودژانىڭ خىتايغا باش ئېگىپ،كېلىشىمگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.