بۇ يىغىندا، «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ» دېگەن كۆز قاراش چەتكە قېقىلدى.
بۇ يىغىندا ئېلىنغان قاراردا يەنە، «جەنۇبىي دېڭىز قاتناش نىزامى» تۈزۈپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدىغان ۋەقە كېلىپ چىقسا، مەسىلىنى سەككىز دۆلەتتىن تەركىب تاپقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ ھەل قىلىدۇ؛ مىنا تازىلاش، پارتلىمىغان بومبىلارنى بىر تەرەپ قىلىش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ياپونىيىنىڭ ياردىمىگە تايىنىلىدۇ دەپ بەلگىلەندى.