جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە فىلىپپىن خىتاينى، خىتاي ۋيېتنامنى ئاگاھلاندۇردى

فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئاكىنو يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ۋىيېتنام رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا جەنۇبىي پاراسىل تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ ئىككى تەرەپ ئەمەس، كۆپ تەرەپ ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكى، بۇ ئاراللاردا فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، فىلىپپىن تەرەپ يەنە تەيۋەننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مانىلانىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىسى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا فىلىپپىن پرېزىدېنتى يەنە فىللىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

بۇ ئارىدا يەنە خىتاي ۋىيېتنامنىڭ ھىندىستاننى جەنۇبىي دېڭىزدا نېفىت ئېچىشقا باشلاپ كەلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.