جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مۇنبىرىدە قويۇلىدىكەن

جەنۇبىي دېڭىز ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى كامبودژادا باشلانغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مۇنبىرىدە مۇھىم تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.


بۇ مۇنبەرگە پرېزىدېنت ئوباما سەيشەنبە كۈنى قاتنىشىدۇ. ئۇ بۇنىڭ قايتا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى خەلقئارا ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىشى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى مۇنبىرىگە 10 دۆلەت ئەزا بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شەنبە كۈنى كامبودژا پايتەختى پىنومپېن يىغىلدى.

مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرى يەكشەنبە ئۇنى ئۇچرىشىدۇ. بۇ يىغىندا مەزكۇر ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىكەن.

ئەممە خىتاي دائىرىلىرى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىنىڭ يىغىن كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.