جەنۇبى كورىيە باش مىنىستىرى لى مىڭبو خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە باش مىنىستىرى لى مىڭبو سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، 12-دېكابىر كۈنى كورىيە دېڭىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان كورىيە دېڭىز ساقچىلىرىنى پىچاقلىغان خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لى مىڭبو ئۆز بايانىدا يەنە، بۇندىن كېيىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كورىيە تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ دېڭىز چارلاش ساقچى ئەترىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن يۈزلىگەن كورىيىلىك نامايىشچى، كورىيىنىڭ پايتەختى سېئولدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينى «دېڭىز قاراقچىلىرى» نىڭ كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە سۈكۈت قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ شوئار توۋلىغان. غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

تۈنۈگۈن ئەتىگەن جەنۇبىي كورىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز ھالدا بېلىق تۇتۇۋاتقان خىتاي بېلىقچىلىرى، ئۇلارنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن كورىيە دېڭىز چارلاش ساقچى ئەترىتىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى ساقچىنى يارىلاندۇرۇپ، بىر ساقچىنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، كېمىدىكى 8 نەپەر خىتاي بېلىقچى كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تەرەپمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كورىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.