جەنۇبىي كورىيە ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىلگەن زەمبىرەك مانېۋىرى ئېلىپ باردى

جەنۇبىي كورىيە ھەربىي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىلگەن زەمبىرەك مانېۋىرى ئېلىپ باردى. ھالبۇكى، ئىلگىرى بۇ خىلدىكى مانېۋىرلارغا تەھدىت شەكلىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ كېلىۋاتقان شىمالىي كورىيە، مەزكۇر مانېۋىر تۈپەيلى جەنۇبىي كورىيىدىن ئۆچ ئالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مانېۋىر ئۆتكەن ئايدا شىمالىي كورىيىنىڭ زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يۇنپيۇڭ (يەنپىڭ) ئارىدىلا ئېلىپ بېرىلدى. ھەقىقىي زەمبىرەك ئوقى ئېتىش 90 مىنۇت داۋاملاشتى.
شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت ئاخباراتى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيە قىسىملىرىنىڭ "مەزكۇر مانېۋىرغا ئىنكاس قايتۇرغۇسى كەلمىدى" دېدى.

ئۆتكەن ئايدا شىمالىي كورىيە، جەنۇبىي كورىيە تەۋەلىكىدىكى يۇنپيۇڭ ئارىلىغا زەمبىرەك ئېتىپ، 4 كورىيىلىكنى ئۆلتۈرگەن. ۋەقە كورىيە يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى.