جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچىلارنى قويۇۋەتتى

جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە جەنۇىي كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرى بىلەن تونۇشقان خىتاي بېلىقچىلارنى قويۇۋەتتى.

18- دېكابىر سېرىق دېڭىزنىڭ كورىيە تەۋەلىكىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتۇۋاتقان خىتاي بېلىقچىلار ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشقا كەلگەن جەنۇبىي كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىنىڭ كېمىسىگە بېلىقچى كېمىسىنى قەستەن سوققان. ھەربىي كېمە چوڭ بولغاچقا زەربىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، خىتاي بېلىقچى كېمىسى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ ئىككى خىتاي بېلىقچى ئۆلگەن ئىدى.

كېيىن، خىتاي بېلىقچىلىرى كورىيە دېڭىز قوغدىغۇچىلىرىغا كالتەك- گۈرجەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 4 كورىيە ئەسكىرىنى يارىلاندۇرغان.

نەتىجىدە كورىيە دائىرىلىرى 3 خىتاي بېلىقچىنى قولغا ئالغان ئىدى.

بۈگۈن خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ خىتاي بېلىقچىلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.