جەنۇبىي كورىيە ياپونىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدا تۈزۈلگەن جيەنداۋ شەرتنامىسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن، 1909-يىلى ياپونىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئارىسىدا تۈزۈلگەن جيەنداۋ شەرتنامىسىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كورىيە بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتە خىتاينىڭ يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە بولغان جيەنداۋ رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كورىيىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كورىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسلىدە 1905-يىلى ياپونىيە بىلەن ئەينى چاغدىكى كورىيە پادىشاھلىقى ئارىسىدا تۈزۈلگەن جىيى شەرتنامىسىدە، كورىيىنىڭ پەقەت مالىيە ۋە دىپلوماتىيە ھوقۇقىلا ياپونىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، ئەمما ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەمەس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، جيەنداۋ شەرتنامىسى ئىناۋەتسىزدۇر.

ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى ئوتتۇرىغا چىققان جيەنداۋ رايونى، خىتاينىڭ يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يەنجى ۋە خېلوڭ قاتارلىق 5 شەھەر ۋە ناھىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رايون شىمالىي كورىيە بىلەن خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى ئارىسىدىكى چېگرا رايونى ھېسابلىنىدۇ.