جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھىندىستان-ۋيېتنام دېڭىز ھەمكارلىقى شەكىللەنمەكتە

ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئاسىيا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋيېتنام ھىندىستان پاراخوتلىرىنىڭ ۋيېتنام پايتەختى خانويغا يېقىن بولغان خالوڭ ئارىلى ئەتراپىدا كېزىشى ۋە توختىشىغا رۇخسەت بەرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ خالوڭ ئارىلىدا تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل پاراخوتىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ۋيېتنام خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى دۈشەنبە كۈنى ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دېڭىز ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغان. مۇزاكىرە داۋامىدا ھىندىستان ۋيېتنامنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشلىرى ۋە دېڭىزچىلىق تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇساپە يېقىنلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئارقا باغچىسى دەپ قارىلىۋاتقان مەزكۇر ئارالدا، ھىندىستان-ۋيېتنام ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى خىتاينى بىئارام قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ھەمكارلىق ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستان-ۋيېتنام دېڭىز ھەمكارلىقىنىڭ خىتايغا قارشى مەقسەتلىك ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئەمما خىتاي تەرەپ بۇ ھەمكارلىققا قارىتا تېخى پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن.