دائىرىلەر مەزكۇر پىلانى بويىچە ئادەم قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش، تاللاش ئىشلىرىنى15 - ئاۋغۇستتىن 20 - سىنتەبىرگىچە داۋاملاشتۇرىدىغان بولۇپ،قوبۇل قىلىنغان خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئوكتەبىردىن كېيىن،ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستنىڭ يېزا، ناھىيىلىك ساقچىخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. شۇنداقلا، قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ 400 نەپەر ساقچىنى مەخسۇس ئىككى يىل تەربىيىلىمەكچى ئىكەن.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى ھەم ھەربىي قىسىملىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچى قوراللىق ساقچى ھەم جامائەت خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا يېڭىدىن 500 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىنغان ئىدى.