زاۋۇت ئورۇنلاشقان جىلىن شەھىرى خىتاينىڭ سۇڭخۇا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقانلىقى، سۇڭخۇا دەرياسى بولسا رۇسىيىنىڭ ئامۇر دەرياسىغا قۇيۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئوت كەتكەن زاۋۇتتىكى خىمىيىۋىي ماددىلارنىڭ سۇڭخۇا دەرياسىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى رۇسىيىنى ئەندىشىگە سالغان. شۇڭا رۇسىيە خىتاينىڭ Kabarovsk دىكى ئەلچىخانىسىدىن ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.
Khabarovsk رۇسىيىنىڭ خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى بىلەن چېگرىداش بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ نوپۇسى 600 مىڭ ئەتراپىدا؛ رۇسىيە مۇھىت ئىشىلىرى مەسئۇلى Alexander Gavrilow نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئوت كەتكەن زاۋۇتتىكى خىمىيىۋىي ماددىلار سۇڭخۇا دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، بۇ ماددىلارنىڭ قاباروۋىسك تەۋەلىكىگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 30 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. گاۋرىلوف ئېنىقلاشتا ھازىرغا قەدەر سۇڭخۇا دەرياسىغا زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئاققانلىقىغا ئائىت مەلۇمات ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2005 - يىلى خىتايدا ئوخشاش بىر زاۋۇت پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، سۇڭخۇا دەرياسىغا 100 توننا مىقداردا زەھەرلىك ماددا چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن رۇسىيىنىڭ قاباروۋىسكى شەھىرىدىكى ئاھالىلەر ساراسىمغا چۈشۈپ شەھەردىن كۆچۈشكە باشلىغان.
نەتىجىدە بۇ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى بىر مەسىلىگە ئايلانغان. خىتاي شۇ چاغدا 1 مىليارد 200 مىليون دوللار خىراجەت ئاجرىتىپ سۇڭخۇا دەرياسىنى تازىلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
