كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر 85 ياشقا كىرگەن سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىرادىسى بۇيىچە، ۋېتنام بىلەن كامبودژا چېگرىسىدا، خانۇي بىلەن پنامپېن شەھىرىگە يېقىن جايلاردا ۋە سىچۇەننىڭ غەربىي جەنۇبىدا نامرات - ماكانسىز خەلق ئۈچۈن 166 بىنا سېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئاسىيادىكى نامرات - ماكانسىز خەلققە بىنا سېلىپ بېرىدىغان بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدىكى بىر خىرىستيان تەشكىلاتى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە يۇقىرىدىكى بەش دۆلەتكە ساياھەتچى ئەۋەتىدىكەن.
جىمى كارتېر ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىيالمىغانلىقى ئۈچۈن 1980 - يىلى قايتىدىن سايلىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 2002 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.