جىمىسار ناھىيىسىدە ۋۇ فامىلىلىك بىر ئىشخانا مۇدىرى 61 قىز - ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان

بۈگۈن خىتاي ئىچى - سىرتىدىكى خىتايچە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىمىسار ناھىيىسىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئۆتكەن 6 يىل ئىچىدە 61 قىز - ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جىنايەت گۇماندارى ۋۇ، خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى قولغا ئېلىنغان ۋە سوراق داۋامىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئاساسەن بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئىجارىكەش بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاياللار ۋە ياتاقتا يېتىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. خەۋەردىكى بەزى ئىپادىلەردىن قارىغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ياتاقتا يېتىۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، ناھىيىدىكى ئاققۇن ئىشلەمچى ئاياللار ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈنمەكتە.

خەۋەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىپى بايان قىلىنمىغان؛ 1992 - يىللىق شىنجاڭ يىلنامىسىدا جىمىسار ناھىيىسىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 125 مىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا 6100 دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە جىمىساردا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنىڭ 2% بىلەن 5% ئارىسىدا ئىكەنلىكى مەلۇم.