خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى كازافىي ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىۋەتتى

لىۋىيىدىكى كازافىي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلەر لىۋىيىنىڭ شەرقىدىكى نېفىت پورتىنى كازافىينىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى كازافىي كۈچلىرى 50 كە يېقىن تانكا بىلەن پورتقا باستۇرۇپ كىرىپ، پورتنى ئېگىلىۋالغان ئىدى. كېيىن پورتقا يېقىن بولغان بىنغازى ۋە ئەجدەبىيە رايونلىرىدىن كەلگەن قارشىلىق كۈچلىرى كازافىي كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ، پورتنى قايتۇرۇپ ئالغان. توقۇنۇشلاردا ئەڭ ئاز دېگەندە 14 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 10 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

كازافىينىڭ تىنچ نامايىش قىلغان خەلققە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىھۇدە قان تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولۇشى خەلقئارا جامائەتنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. كازافىي ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شۇنداقلا كازافىينىڭ خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ بېشىدىكى كىشىلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن بۇ ھەقتە مەركىزى گوللاندىيىدە بولغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن كازافىي ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھازىر لىۋىيىدە توقۇنۇشلار داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇرۇشتىن قورقۇپ كەتكەن خەلق قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىشنى داۋام قىلماقتا. خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ لىۋىيىدىن قېچىپ مىسىر، تۇنىس ۋە نېگىرىيىگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. كازافىي بولسا نامايىشچىلارنىڭ ئەلقائىدە تېررورچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغۇچە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەگەر غەرب ئەللىرى بۇ ئىشقا ئارىلاشقان تەقدىردە مىڭلارچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.