شېن گۇدۇڭ بۇ يىل 3-ئايدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي چېقىش پىلانىغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، "دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا دەخلى قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 ئايلىق كېسىلگەن.
بۈگۈن شېن گۇدۇڭنىڭ دوستلىرى، قولۇم-قوشنىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى 10 ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ تۈرمە دەرۋازىسىغا بېرىپ ئۇنى كۈتۈۋالغان؛ كۈتۈۋالغۇچىلار شېن گۇدۇڭ تۈرمە دەرۋازىسىدىن چىققاندا ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلغان ۋە پوجاڭزا ئېتىپ تەبرىكلىگەن.
200 كىشىلىك كۈتۈۋالغۇچىلار قوشۇنى شېن گۇدۇڭنى داغدۇغا بىلەن شەھەر كوچىلىرىدىن ئېلىپ ماڭغاندا، ئەھۋالغا قىزىقىپ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بىر سابىق جىنايەتچىنىڭ بۇ تۈر داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىنىشى شەھەر خەلقى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار كۈتۈۋالغۇچىلارنى نازارەت قىلىشقا ئۆتكەن. ئەمما، بۇ جەرياندا ھېچقانداق ۋەقە چىقمىغان.
خىتاي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەر، شېن گۇ دۇڭنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش ئارقىلىق دۆلەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن، بۇنىڭ بىلەن بىللە، شېن گۇدۇڭغا ئوخشاش دۆلەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئىلھام بەرمەكچى بولغان.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قەھرىمانلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئىگە چىقىش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ كۈچلۈك بىر ئاممىۋى ئارزۇ؛ ئەمما بۇ ئارزۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە چوڭ بىر تەھدىت ئامىلى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكەن ئايدا ئۈرۈمچىدىكى خانتەڭرى مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەھمۇت داموللامنىڭ ھەيۋەتلىك مېيىت نامىزى 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
