كونگودا جىنسىي سودىغا مەجبۇرلانغان 11 خىتاي قىزى قۇتۇلدۇرۇلغان بولسىمۇ، خىتايغا قايتىپ كېتىشنى رەت قىلغان

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت ھالقىغان ئادەم بېدىچىلىكى دېلوسىنى پاش قىلىپ، جىنسىي سودىغا مەجبۇرلانغان 11 خىتاي قىزنى قۇتۇلدۇرغان بولسىمۇ، بۇ قىزلار خىتايغا قايتىپ كېتىشنى رەت قىلغان.

"جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى"دە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نۆۋەت قۇتۇلدۇرۇلغان ئاياللار، ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن كونگونىڭ پايتەختى كىنشاساغا ئېلىپ كېلىنىپ جىنسىي سودىغا سېلىنغان ئىكەن.

بۇ خەۋەر كونگودىن قېچىپ خىتايغا قايتىپ كەلگەن يەنە بەش نەپەر خىتاي ئايال تەرىپىدىن دائىرىلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئادەم بېدىكچىلىكىگە قارشى تۇرۇش بۆلۈمى ئۆتكەن يىل نويابىردا 10 كىشىلىك بىر ئەترەت تەشكىللەپ كونگوغا يولغا سالغان.

مەزكۇر ئەترەتنىڭ باشلىقى يىن گوخەينىڭ گېزىتكە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن بولۇپ، بۇلار جىنسىي سودا بىلەن كونگودا تاپقان پۇلنى سىچۈەنمۇ تاپالمايدىغان بولغاچقا قايتىپ كېتىشىنى خالىمايدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا بۇ ئاياللارنى بىر ئادەم بېدىكى خىزمەت تېپىپ بېرىمەن دەپ ئالداپ كونگوغا يۆتكىگەن ۋە كونگوغا كەلگەندىن كېيىن بىر خىتايلار ئىگىدارچىلىقىدىكى قاۋاقخانىغا سېتىۋەتكەن.

قاۋاقخانىنىڭ خوجايىنى قولغا چۈشكەن، ئەمما بۇ يەردىن قۇتۇلدۇرۇلغان ئاياللار خىتايغا قايتىشنى رەت قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار ئەڭ كۆپ ئالدىنىپ كېتىدىكەن ۋە باشقا دۆلەتلەرگە سېتىلىپ جىنسىي قۇللۇققا مەجبۇرلىنىدىكەن.