شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خاتىرىلەندى

14 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى فائىرفاكىس شەھىرىگە جايلاشقان بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ زالىدا ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 65 يىللىقى، 1933 - يىلى، 12 - نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 76 يىللىقى خاتىرىلەندى.

خاتىرە مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ساداسى ئىچىدە باشلاندى ھەمدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش يولىدا ۋە 60 يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە ھۆرلۈكلىرى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان قۇربانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈت ئىچىدە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە پايتەخت ئەتراپىدا ياشايدىغان ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت يەنە شېئىرلار دىكلاماتسىيە قىلىندى ۋە نۇتۇقلار سۆزلەندى.

مەزكۇر پائالىيەت جەريانىدا يەنە گۇئانتانامودىن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ پالاۋ دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قانداق ياخشى مۇئامىلىسىگە مۇيەسسەر بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

بۇ يىل ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى كۈرەش كۈسەننىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۈچ يىللىقى بولۇپ، جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈرەش كۈسەننىڭ پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى ھەمدە مەرھۇمنىڭ شىۋېتسىيىدىن كەلگەن خانىمى سۆز قىلىپ، كۈرەش كۈسەننىڭ مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدىكى پائالىيەتلىرى ھەمدە ئۈچ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش كۈسەننىڭ ئائىلىسىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ھەر خىل تاماقلارنى تەييارلاپ ئېلىپ كەلگەن.