دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلماقتا

ھەر يىلى 12 - نويابىر كۈنى، 1933 - يىلى، 12 - نويابىر قەشقەردە، 1944 - يىلى، 12 - نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنى، بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئەنئەنىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010-11-07
Share

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل 12 - نويابىر كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى فەئىرفاكىس شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى، مەسىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە دۆلەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم جامائەتلىرى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەت ۋە مۇراسىملارغا تەييارلىق قىلماقتا.

بۇ يىل 12 - نويابىر، 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 77 يىل،  1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 66 يىل توشىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت