دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق قىلماقتا

ھەر يىلى 12 - نويابىر كۈنى، 1933 - يىلى، 12 - نويابىر قەشقەردە، 1944 - يىلى، 12 - نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنى، بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئەنئەنىسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇ يىل 12 - نويابىر كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتون يېنىدىكى فەئىرفاكىس شەھىرىدە جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى، مەسىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە دۆلەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم جامائەتلىرى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەت ۋە مۇراسىملارغا تەييارلىق قىلماقتا.

بۇ يىل 12 - نويابىر، 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا 77 يىل، 1944 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 66 يىل توشىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ خاتىرە پائالىيەتلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.