12 - نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 12 - نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 1933 - يىلى، 12 - نويابىردا قەشقەردە، 1944 - يىلى، 12 - نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلىمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.11.11


ئىگىلىشىمىزچە، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، يىغىلىش، شېھىتلارنى ئەسلەش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ پائالىيەتلەر 10 - نويابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلانغان. نۆۋەتتە، 1944 - يىلىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ياكى شۇ جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ياشىغان شاھىدلارنىڭ ئاز بىر قىسىمى تېخى ھايات بولۇپ، چەتئەللەردىكى بۇ شاھىدلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئوتتۇرا ئاسىياغا جۇمھۇرىيەتلەرگە تارقالغان. مەزكۇر شاھىدلار ئىككى جۇمھۇرىيەت روھىنىڭ ساقلىنىشىدا كۈچلۈك رول ئوينىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلاخان تۆرە، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پالېنوف ۋە مۇئاۋىن باش قوماندان زۇنۇن تېيىپوف، جۇمھۇرىيەت باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبرايىمى، خەلق قەھرىمانلىرى غەنى باتۇر ۋە فاتىخ باتۇر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي - سىياسىي ۋە مەمۇرىي خادىملار شۇنىڭدەك زور ساندىكى مىللىي ئارمىيە جەڭچى - ئوفىتسېرلىرى ياشىغان ئىدى.

ھەر يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش چەئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ كۈنى ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېس قىلغان كىشى ئەشۇ شانلىق يىللارنى ئەسلەيدۇ.

تارىخچىلارنىڭ يەكۈنلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.