كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئاز سانلىقلار رەھبىرى مىچېل مىككونېل ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا فېدىرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئىلگىرى فېدىرال رايونلۇق سوت 2008 - يىلى 10 - ئايدا چىقارغان گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، فېدىرال سوتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلغان.
گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئوتتۇرا سوتنىڭ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى. ئالىي سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئاز سانلىقلار رەھبىرى مىچېل مىككونېل ئالىي سوتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى توساشقا چاقىرغان.
مىككونېل ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلسە، بۇ باشقا تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشىنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ مىككونېلنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە 1 - قېتىم قارشى چىقىشى ئەمەس. ئۇ ئىلگىرى تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن لايىھىسى تەييارلاپ، بۇنىڭغا قارشى چىققان. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.