شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقىدا 390 مىليارد كۆمۈر زاپىسى بايقالدى

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان بىر كۆمۈرلۈكنى دۆلەت دەرىجىلىك ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى قىلىپ بېكىتكەن.


كۆلىمى 10 كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغان بۇ كۆمۈرلۈك شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ سانجى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسى 390 مىليارد توننىغا يېتىدىكەن.

«خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاتالمىش تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 21 - نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن يۈ شياڭچياڭ قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر رايونغا ھازىر خىتاينىڭ 50 چوڭ كارخانىسى يەرلىشىپ بولغان.

دائىرىلەر «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن چاقىرىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر تۈرلۈك بايلىقلىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن ئىدى.