كابۇل دائىرىلىرى مارجاھتا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى

ئافغان ۋە ناتو قىسىملىرى مارجاھتا تالىبان قالدۇق كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پەيتلەردە، كابۇل دائىرىلىرى مارجاھتا ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن.

خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتچىلىكى گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، مارجاھتا جىددىي تېزلىك بىلەن ھۆكۈمەت شەكىللەندۈرۈش بۇ نۆۋەت ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇرۇش باشلىنىپ 10 - كۈنى مارجاھ يېزىسىغا تەيىنلەنگەن يېزا باشلىقى ھاجى زاھىر يۇرت چوڭلىرى ۋە مەھەللە ئاقساقاللىرى بىلەن يېزا مەركىزىدە يىغىلىپ ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى ئۈستىدە كېڭەشكەن.

تېررورلۇق ۋە قوراللىق ھۇجۇملاردىن ساقلىنىشتا پۇقرالارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان گېنېرال ستانلېي مكىرىستال مارجاھتىكى ھەقىقىي ئۇرۇشنىڭ قوراللىق ئەمەس بەلكى، بۇ يەردە قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مارجاھنىڭ يەنە نۇرغۇن جايلىرىدا تالىبان قىسىملىرى كۆمگەن يەر مىنالىرى ۋە تالىباننىڭ يوشۇرۇن قالدۇق كۈچلىرى تولۇپ تازىلىنىپ كېتىلمىگەن بولسىمۇ، ئافغانىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مارجاھقا ئوخشاش رايونلاردا كابۇلغا قاراشلىق ھۆكۈمەتلەرنى تەشكىللەش ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشتىن بۇرۇن تاماملىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.