سابىق قىزىل كخمېر رەھبەرلىرى يەنە سوتلاندى

كامبودژا قىزىل كخمېر كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرىدە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوت 30 - مارت كۈنى يەنە داۋام قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك سوت قىزىل كخمېر ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ھاكىمىيەتكە قارشى كىشىلەرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىغا قاتناشقان ھەمدە س بەلگىلىك تۈرمىدە كىچىك بالا ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان تۈرمە باشلىقى دۇچ (دۇچ) ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزكۇر سوت، بۇ يىل 18 - فېۋرال بىر قېتىم ئېچىلغان بولۇپ، سوتتا تۈرمە باشلىقى دۇچقا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئارتىلغان.

سوت پىنومپېن شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان ئالاھىدە سوتخانىدا ئېچىلغان بولۇپ، سوتقا ئەينى ۋاقىتتىكى زۇلۇملاردىن تىرىك قالغان نۇرغۇن گۇۋاھچىلار ۋە باشقا ئامما قاتناشقان ھەمدە قىزىم كخمېر داھىيلىرىنىڭ ئادالەت ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ياردىمىدە كامبودژادا قۇرۇلغان قىزىل كخمېر ھۆكۈمىتى 1975 - يىلىدىن 1979 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 1 مىليون 700 مىڭ ئادەمنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرگەن.